ياپونىيە كوباياشى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش جەريانىم
ناگويا ئۇنۋېرستىتىغا كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كىيىن،ئۆزۈمنىڭ قىيىنچىلىقلار بىر-بىرلەپ ئۆزىنى ئاشكارە قىلغىلى تۇردى.ياپونىيە سانۋا شېركىتىدىكى ئىشىمنىمۇ 3-ئاينىڭ ئاخىرى تۈگىتىشىم شەرت بولۇپ قالدى.چۈنكى ياپونلۇقلار ماڭا « ناۋادا سەن ئوقۇشقا كىرگ ەندىن كىيىنمۇ مۇشۇ شېركەتتە تۇرساڭ،ئۇ چاغدا،سان قوش سالاھىيەتلىك بولۇپ قالىسەن،يەنى ھەم ئوقۇغۇچى ھەم خىزمەتچى سالاھىيەت بولۇپ قالىسەن،بۇ ھەم ياپونىيە قانونىغا خلاپ» دىدى.مەسىلىنىڭ بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتقىنىنى سەزدىم.قانداق قىلىش كېرەك؟! بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى تاشلاپ،بىراقلا قول ئۈزۈپ،ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزۈمنىڭ كەسپىنى قىلىپلا يۈرەيمۇ يا؟!ئۇنداق قىلسامغۇ ماڭا زىيان يوق،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا يەنە داۋاملىق كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەيمەن،يەنە داۋاملىق نەتىجىلەرنى يارىتىمەن،ئەمما بۇ ئىشتا بەل قويىۋەتسەم ئۆمۈر بويى پۇشماندا ئۆتىدىغىنىم ئېنىق.باشقىلارغا ئۇتتۇرىۋەتسەمغۇ تەن بېرەلەيمەن،ئەمما ئۆزۈمگە ئۇتتۇرىۋەتسەم قانداق قىلىمەن؟!ئىچىمدىن سېسىپ كەتمەمدىم كىيىنكى ئۆمرۈمدە؟!بىر ئىشنى تۇتقان ئەركەك بولغاندىن كىيىن،ئۇنى باشقا ئېلىپ چىقىشىم كېرەكتە؟!قانداق قىلىش كېرەك؟!2008-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئوقۇشنىڭ پېيىگە چۈشتۈم، توردىن پروپىسورلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىدىم،ھەمدە ئۆز كەسپىمگە لايىق كىلىدىغان پروپىسورلاردىن 4 نى تىزىپ چىقتىم ھەم ئۇلارنىڭ ماتىرىيالىنى،يازغان ماقالىلىرىنى ئىگىلىدىم،قارىسام ھەممىسىگە دىگۈدەكلا ماس كىلىدىكەنمەن،شۇڭا ئۇلارغا خەتمۇ يازمىدىم،ئۇدۇللا مەكتەپكە ئىزدەپ باردىم،7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈمدە مۇئەللىمىمنى ئىزدەپ باردىم ھەم«مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە سېزنىڭ ئالدىڭىزغا كەلدىم،ئامىتىمنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن ئېچىلىشىغا ئۇمۇتۋارمەن،سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولۇپ،كەسپىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگۈم بار»دەپ گەپنى كېسىپلا قىلدىم.مۇئەللىممۇ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ ئەھۋالىمنى ئىگەللىگەندىن كىيىن،مېنىڭ ئوقۇشۇمغا قوشۇلدى.
